لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

پاكىت

pakit

  1. ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ئىش؛ دەلىل.

    English
    fact, evidence
    中文
    事实、证据
    Türkçe
    olgu, gerçek
    • ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر پاكىتلارنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
    • لېكىن پاكىت دېگەن بەرىبىر پاكىت-تە.

    مەنىداش: دەلىل