لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

يىراق

yiraq

  1. ئارىلىقى ئۇزۇن، ئاسان يېتىپ بارغىلى بولمايدىغان

    English
    far, distant, remote
    中文
    远、遥远
    Türkçe
    uzak
    • ئادەم سانى كۆپ، يول يىراق بولغاچقا، ھەر جەھەتتىن زېرەك بولايلى.
    • -ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، بىر چاغدا يىراقتىن پىلىلدىغان يورۇق كۆرۈنۈپتۇ،

    قارشى مەنىلىك: يېقىن

  2. ۋاقىت جەھەتتىن ئۇزاق؛ تۇغقاندارچىلىق ياكى مۇناسىۋەت جەھەتتىن يېقىن ئەمەس

    English
    distant, remote
    中文
    远的、疏远的
    Türkçe
    uzak
    • ئۇ بىزنىڭ يىراق تۇغقىنىمىز.
    • يىراق كەلگۈسىنى ئويلاش كېرەك.

    قارشى مەنىلىك: يېقىن