لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كەل

kel

  1. باشقا بىر يەردىن سۆزلىگۈچى تۇرغان يەرگە ياكى تىلغا ئېلىنغان جايغا قاراپ يۆتكەلمەك، يېتىپ بارماق.

    English
    come, arrive
    中文
    来、到来
    Türkçe
    gelmek
    • -سەنمۇ ھېلىقى قىزنىڭ ئىشى بىلەن كەلگەن ئوخشىمامسەن؟
    • مېھمانلار كەچتە كېلىدۇ.

    قارشى مەنىلىك: بار

  2. ‹-پ› ھال پېئىلىدىن كېيىن كېلىپ، ھەرىكەتنىڭ سۆزلىگۈچى تەرەپكە يۆنىلىشىنى ياكى ئىلگىرىدىن ھازىرغىچە داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى پېئىل.

    中文
    (表示动作趋向或延续)来
    Türkçe
    gelmek
    • -ئېغىزدا چىشلەپ كەلگەن چاۋارلارنى بىر-بىرلەپ تىزىمىز دەپتۇ ئەنقا.
    • بىز بۇ ئادەتنى ئەجدادلىرىمىزدىن ساقلاپ كەلدۇق.
  3. ‹-غۇ/-گۈ› ئارقىلىق ياسالغان ئىسىم بىلەن كېلىپ، بىرەر ئىشنى قىلغۇسى بارلىقىنى، شۇنداق ئارزۇ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    English
    feel like (doing)
    中文
    想、想要
    Türkçe
    canı istemek
    • «ئەجەب قىز بالىدەك ئىنچىكە سۆزلەيدىغان يېتىمكىنا بۇ؟ » دېدىم ئىچىمدە سەل كۈلگۈم كېلىپ.
    • بۈگۈن ھېچ تاماق يېگۈم كەلمەيدۇ.

شەكىللىرى: كېلىپ · كېلىدۇ