يولۇچى
yoluchi
ماشىنا، پويىز، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش قوراللىرىدا ماڭغان ئادەم.
- English
- passenger
- 中文
- 乘客、旅客
- Türkçe
- yolcu
- ئايروپىلاندىكى ئون ئۈچ نەپەر يولۇچى ۋە تۆت نەپەر ئايروپىلان خادىمى قازاغا ئۇچراپتۇ.
- ئاپتوبۇستا يولۇچىلار بەك كۆپ ئىدى.
يول يۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەم؛ سەپەردىكى كىشى.
- English
- traveler, wayfarer
- 中文
- 行人、旅人
- Türkçe
- yolcu
- ئارىلاپ ئۆتۈپ قالىدىغان يولۇچىلار ھېچ ئىش كۆرمىگەندەك ئۈن-تىنسىز كېتىشىپ باراتتى.
- قەيەردىدۇر بىر يولۇچى يىراقتىكى يارىنى، يارىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى كۈيلەپ ناخشا توۋلايتتى.