لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

يولداش

yoldash

  1. بىللە يول ماڭغان ياكى بىللە ئىش قىلغان ھەمراھ

    English
    companion, fellow traveller
    中文
    同伴、旅伴
    Türkçe
    yoldaş, arkadaş
    • بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش.
    • ئىت بىلەن يولداش بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.

    مەنىداش: ھەمراھ

  2. ئەر ياكى ئايالنىڭ تۇرمۇش ھەمراھى

    English
    spouse, husband, wife
    中文
    配偶、爱人
    Türkçe
    eş
    • يولدىشىم دوختۇر بولۇپ ئىشلەيدۇ.

    مەنىداش: جۆرە

  3. ئىسىم ياكى پامىلىدىن كېيىن ئىشلىتىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى

    English
    comrade
    中文
    同志
    Türkçe
    yoldaş
    • ئابلىز يولداش يىغىنغا قاتناشتى.