لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كەسىپ

kesip

  1. كىشىنىڭ تىرىكچىلىك ئۈچۈن دائىم قىلىدىغان ئىشى؛ ھۈنەر، خىزمەت تۈرى.

    English
    profession, occupation, trade
    中文
    职业、行业
    Türkçe
    meslek, iş
    • ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پېشانىسىنى قاشلىغان.
    • ئامېرىكىدا «ئۆمۈرلۈك كەسىپ» دېگەن نەرسە ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس.

    مەنىداش: ھۈنەر

  2. مائارىپ ئالىي مەكتەپ ياكى كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ئۆگىنىدىغان ئاساسلىق پەن ساھەسى.

    English
    major, specialty
    中文
    专业
    Türkçe
    bölüm, branş
    • ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇرچىنى كەسىپ قىلغان بالىلارمۇ ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابىنى ئاران كۆرىدىغان بولدى.

شەكىللىرى: كەسپى · كەسپىنى