ئاۋاز
awaz
نەرسىلەرنىڭ تەۋرىنىشىدىن پەيدا بولۇپ قۇلاققا ئاڭلىنىدىغان ھادىسە؛ سادا.
- English
- sound, noise
- 中文
- 声音、响声
- Türkçe
- ses
- «گۈمبۈر» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، دۈشمەن پوتىيى غۇلىدى.
- ئاخىر ھويلىدىن يېنىك يۆتەلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى،
مەنىداش: سادا
ئادەمنىڭ سۆزلىگەندە ياكى ناخشا ئېيتقاندا ئېغىزىدىن چىققان سادا.
- English
- voice
- 中文
- 嗓音、声音
- Türkçe
- ses
- -قولۇڭلارنى ئېگىز كۆتۈرۈڭلار، ساناپ باقاي، -دېدىم مەن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن.
- ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقاندىكى ساداسى ناھايىتى يېقىملىق.
سايلامدا ياكى بىرەر مەسىلىنى قارار قىلىشتا ھەر بىر كىشىنىڭ بىلدۈرگەن قوشۇلۇش ياكى قارشى پىكرى؛ بېلەت.
- English
- vote
- 中文
- 票、选票
- Türkçe
- oy
- لايىھە كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.