لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ياتاق

yataq

  1. ئوقۇغۇچى ياكى ئىشچىلار تۇرىدىغان ئۆي.

    English
    dormitory, dorm
    中文
    宿舍
    Türkçe
    yurt, yatakhane
    • بۇ ئادەم توغرىسىدا ياتاقتا ساۋاقداشلىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلەشكەن.
    • ئاپلا تېلېفونۇمنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
  2. ئۇخلايدىغان ئۆي.

    English
    bedroom
    中文
    卧室
    Türkçe
    yatak odası
    • ياتاق ئۆيىمىز كىچىك، ئەمما يورۇق.