لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كۈچ

küch

  1. ئادەم ياكى ھايۋان بەدىنىنىڭ ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈش، ئىش قىلىش ئىقتىدارى؛ قۇۋۋەت.

    English
    strength, power
    中文
    力气、力量
    Türkçe
    güç, kuvvet
    • «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى» دېگەن شۇ دە.
    • ئۇ بۇ تاشنى كۆتۈرۈشكە كۈچى يەتمىدى.

    مەنىداش: قۇۋۋەت، مادار

  2. بىرەر ئىشنى ئورۇنداش ياكى تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى، قابىلىيىتى.

    English
    power, ability, effort
    中文
    力量、能力
    Türkçe
    güç, yetenek
    • «بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ ئىككىنچى سانى نەشردىن چىقتى.
    • ئۇ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالدى.
  3. فىزىكا جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغان فىزىكىلىق تەسىر.

    English
    force
    中文
    力
    Türkçe
    kuvvet
    • سۈركىلىش كۈچى ھەرىكەتنى ئاستىلىتىدۇ.