لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

نامرات

namrat

  1. پۇلى، مال-مۈلكى ئاز، تۇرمۇشى قىيىن

    English
    poor, needy
    中文
    贫穷、穷
    Türkçe
    fakir, yoksul
    • ئەر كىشى نامرات بولسا بولسۇن، قەرزدار بولمىسۇن.
    • ئۇلار نامرات بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان.

    مەنىداش: كەمبەغەل

    قارشى مەنىلىك: باي

  2. (ئىسىم ئورنىدا) تۇرمۇشى قىيىن ئادەم

    English
    the poor, poor person
    中文
    穷人
    Türkçe
    fakir, yoksul
    • باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.

    قارشى مەنىلىك: باي

  3. بىرەر جەھەتتە كەمچىل، يېتەرسىز

    English
    poor, impoverished
    中文
    贫乏
    Türkçe
    yoksul, fakir
    • ئاشۇ ئىشىكلەرنى ئېچىپ كۆرۈش ئىستىكى يوق كىشىلەر روھىي جەھەتتىن نامرات، ئىرادىسى زەئىپ كىشىلەردۇر.