لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كۈن

kün

  1. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىشىغا كېتىدىغان، يىگىرمە تۆت سائەتلىك ۋاقىت.

    English
    day
    中文
    天、日
    Türkçe
    gün
    • «بىر ئادەم بىر كۈندە مىڭ ئېغىز گەپ قىلسا ئۆلىدۇ» دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سەن؟
    • -ئۇ قىز ھازىر خەۋپ ئىچىدە. ئەتە ئۈچ كۈن توشىدۇ، ۋەھشىي بۆرىلەر ئۇنىڭغا تاشلىنىدۇ.
  2. قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى، يەر شارىغا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بېرىدىغان يۇلتۇز؛ قۇياش.

    English
    sun
    中文
    太阳
    Türkçe
    güneş
    • كۈن چىقىپ، ھاۋا ئىللىپ قالدى.
    • ئۇلار كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۆيگە قايتىپ كەلدى.

    مەنىداش: قۇياش

  3. تۇرمۇش، ھايات كەچۈرۈش؛ تىرىكچىلىك.

    English
    life, living, days
    中文
    日子、生活
    Türkçe
    hayat, geçim
    • ئۇلار ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.