لىنىيە
liniye
تېلېفون، توك، قاتناش قاتارلىقلارنىڭ ئۇلىنىپ ماڭغان يولى.
- English
- line
- 中文
- 线路
- Türkçe
- hat
- ئارخىپ بۆلۈم لىنىيەسىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئېيتتى، جەننەت يەتتىنىڭ يازما ئارخىپىنى ماڭا ئەكېلىڭ.
- بۇ ئاپتوبۇس لىنىيەسى شەھەر مەركىزىدىن ئۆتىدۇ.
زاۋۇتتا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇدا ماشىنىلار تىزمىسى.
- English
- production line
- 中文
- 生产线
- Türkçe
- üretim hattı
- بۇ ئاقما لىنىيە ھەر يىلى كۆپ مىقداردا ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان ئوپتىك دىسكىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
ئىش-ھەرىكەتتە تۇتۇلغان يۆنىلىش، سىياسىي يول.
- English
- line, course
- 中文
- 路线
- Türkçe
- çizgi, yol
- ھەممە ئىشنىڭ ئۆز لىنىيەسىدە بولغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟!