لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

لوڭقا

longqa

  1. ياغاچ ياكى ساپالدىن ياسالغان چوڭ، چوڭقۇر قاچا.

    English
    large bowl, basin
    中文
    大碗、盆
    Türkçe
    kâse, çanak
    • ئانام خېمىرنى لوڭقىغا سېلىپ يۇغۇردى.
  2. تەنتەربىيە مۇسابىقىدە غالىب چىققانلارغا بېرىلىدىغان قەدەھ شەكىللىك مۇكاپات؛ شۇ مۇكاپات ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە.

    English
    cup, trophy
    中文
    奖杯、杯赛
    Türkçe
    kupa
    • ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىككى مىڭ يىگىرمە ئىككىنچى يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.
    • ئاخشام ئوينىغان ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە گېرمانىيەگە ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇۋېتىپتۇ.