لايىق
layiq
بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق؛ ئەرزىيدىغان.
- English
- worthy, deserving
- 中文
- 值得、配
- Türkçe
- layık
- ئۇ شۇنچىلىك ھەق ئېلىشقا لايىق ئىدى.
- ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ھەقىقەتەن لايىق.
ماس كېلىدىغان، مۇۋاپىق.
- English
- suitable, appropriate
- 中文
- 适合、合适
- Türkçe
- uygun
- ئۆزۈڭگە لايىق بولمىغان سۆزلەرنى سۆزلىمىگىن، تىلىڭدىن يالغان سۆزلەرنى چىقارما.
- ئۇلار: «موماڭ ئۇخلاپ قالدى» دەپ مېنى گوللىغاندىن كۆرە، راست گەپ قىلىشنى لايىق تاپتى.
مەنىداش: مۇۋاپىق