كەچۈرۈم
kechürüm
خاتالىق ياكى گۇناھنى ئەپۇ قىلىش.
- English
- forgiveness, apology
- 中文
- 原谅、宽恕
- Türkçe
- af, özür
- ئۆزىنى قاچۇرغان جۈپ-جۈپ كۆزلەر خۇددى كەچۈرۈمگە ئېرىشكەندەك يەنە تەرەپ-تەرەپتىن قايتىپ كېلىشتى.
- ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سورىدى.
مەنىداش: ئەپۇ
قانۇن جازا ياكى مەجبۇرىيەتتىن خالىي قىلىش.
- English
- pardon, exemption
- 中文
- 赦免、免除
- Türkçe
- af, muafiyet
- ئۇلاردىن جىنايىتى يېنىكرەك بولغانلارغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
- ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەرگە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.