كېرەكلىك
kéreklik
لازىم بولىدىغان، ئېھتىياجلىق
- English
- necessary, needed, required
- 中文
- 需要的、必需的
- Türkçe
- gerekli
- ئوغۇز سۈتى تەركىبىدە يەنە مول ئاقسىل ۋە بوۋاقلارغا كېرەكلىك ئانئورگانىك ماددىلار بولىدۇ.
- سەپەرگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلىدۇق.
پېئىلنىڭ ھەرىكەت نامىدىن كېيىن كېلىپ، شۇ ئىشنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرىدۇ
- English
- need to, what one should
- 中文
- 应该、需要
- Türkçe
- gerektiği
- ئۇ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇزۇن ئويلىدى.
- ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىكى بىرىنچى قەدەم—ئۆزىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بايقاشتۇر.