كۆپچىلىك
köpchilik
بىر توپتىكى كىشى ياكى نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمى.
- English
- majority, most
- 中文
- 大多数、大部分
- Türkçe
- çoğunluk
- ئالدىنقى بىر بابتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توختاۋسىز ھالدا تەقلىد قىلىشنى ئويلايدۇ.
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇ پىكىرگە قوشۇلدى.
قارشى مەنىلىك: ئازچىلىق
ئامما، خالايىق؛ ھازىر بار بولغان ياكى سۆز قارىتىلغان كىشىلەر.
- English
- everyone, the public
- 中文
- 大家、群众
- Türkçe
- herkes, halk
- ئوچۇق دەرسلەر قايتىدىن تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى!
- ئۇ كۆپچىلىككە يېڭى كىيىملىرىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ياققانلىقىنى بىلدۈرمەكچىكەن.