لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كۆرە

köre

  1. چىقىش كېلىشىكىدىكى سۆزدىن كېيىن كېلىپ، ئۇنى يەنە بىر ئىشقا سېلىشتۇرۇپ، ئىككىنچىسىنى ئارتۇق بىلىشنى بىلدۈرىدۇ.

    English
    rather than, than
    中文
    与其、比起
    Türkçe
    -den ziyade, yerine
    • ئادەتتە چېچىمدىن كۆرە بۇرۇتۇمنىڭ ياسىلىشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتىم.
    • ئۇلار: «موماڭ ئۇخلاپ قالدى» دەپ مېنى گوللىغاندىن كۆرە، راست گەپ قىلىشنى لايىق تاپتى.
  2. يۆنىلىش كېلىشىكىدىكى سۆزدىن كېيىن كېلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن، شۇنىڭغا قاراپ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    English
    according to
    中文
    根据、按照
    Türkçe
    -e göre
    • ئەھۋالغا كۆرە ئىش قىلىمىز.