كارتا
karta
ئۇچۇر يېزىلغان ياكى خاتىرىلەنگەن، كىملىك، پۇل تۆلەش، تەبرىكلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان قېلىن قەغەز ياكى سۇلياۋ پارچىسى.
- English
- card
- 中文
- 卡、卡片
- Türkçe
- kart
- قولىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار كارتىسى بارلارغىمۇ بولامدۇ؟
- قىز گۈل بىلەن كارتىنى رىياسەتچىگە بەردى. رىياسەتچى گۈلنى ئېلىپ سەھنىگە چىقتى.
ئويۇن ئويناش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان رەسىملىك، بەلگىلىك قەغەز پارچىلىرى.
- English
- playing cards, cards
- 中文
- 扑克牌、纸牌
- Türkçe
- iskambil, kağıt
- ئۇلار ئاخشامغىچە كارتا ئويناپ ئولتۇردى.