لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

قۇرۇق

quruq

  1. ئىچىدە ھېچنەرسە يوق.

    English
    empty
    中文
    空的
    Türkçe
    boş
    • قۇرۇق قول بىلەن كەلدى.
    • ئىستاكان قۇرۇق تۇرۇپتۇ.

    قارشى مەنىلىك: تولۇق

  2. نەملىكى يوق، قۇرۇپ كەتكەن.

    English
    dry
    中文
    干的
    Türkçe
    kuru
    • قۇرۇق ئوتۇن تېز كۆيىدۇ.

    قارشى مەنىلىك: ھۆل

  3. ئاساسى، مەزمۇنى ياكى پايدىسى يوق.

    English
    empty, idle, groundless
    中文
    空洞的、空的
    Türkçe
    boş, asılsız
    • «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى» ناملىق كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    • ئالتە بۈيۈك سىياسەت دېگىنى قۇرۇق سۆز، ئۇنىڭ پايدىسىنى بىز كۆردۇقمۇ؟