قوغلا
qoghla
بىرەر كىشى ياكى جانىۋارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئارقىسىدىن يۈگۈرمەك.
- English
- chase, pursue
- 中文
- 追、追赶
- Türkçe
- kovalamak, peşinden koşmak
- ئوۋچىلار توشقانلارنى تېپىۋېلىپ قېلىن قاردا ئىتلىرى بىلەن قوغلايدۇ.
- ساقچى ئوغرىنى قوغلاپ تۇتتى.
بىر يەردىن چىقىرىۋەتمەك، ھەيدىمەك.
- English
- drive away, expel
- 中文
- 赶走、驱逐
- Türkçe
- kovmak
- ئۇ ئىتنى ھويلىدىن قوغلىدى.
مەنىداش: ھەيدە
«ئىز قوغلىماق» شەكلىدە: ئىزىغا قاراپ ئىزدىمەك؛ ئىزچىل كۆزەتمەك.
- English
- track, trace
- 中文
- 追踪
- Türkçe
- izini sürmek, takip etmek
- ئاپشاركا ساقچىنى باشلاپ، پۇراق پۇراپ ئىز قوغلاپ جىنايەتچىنى تۇتتى.
- ئاساسلىق ئىقتىدارى — ئۆلچەشنى كۈتۈپ تۇرغان سۈنئىي ھەمراھنى تېپىش ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاش.