قازا
qaza
ئادەمنىڭ ئۆلۈمى؛ «قازا قىل» شەكلىدە ئۆلمەك مەنىسىدە.
- English
- death, passing
- 中文
- 去世、死亡
- Türkçe
- vefat, ölüm
- ئۈرۈمچىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا ۋاقىتلىق لىفىت چۈشۈپ كېتىپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.
- ئۇنىڭ ئاتىسى تۈنۈگۈن قازا قىلدى.
مەنىداش: ۋاپات
ئادەمگە كېلىدىغان ئېغىر بەختسىزلىك، ئاپەت؛ ئاساسەن «بالا-قازا» شەكلىدە.
- English
- misfortune, calamity
- 中文
- 灾难、灾祸
- Türkçe
- kaza, bela
- بالا-قازا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا.
- بالا-قازا باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغەلنىڭ جېنىغا.
مەنىداش: ئاپەت