غەم
ghem
كۆڭۈلنى بېسىپ تۇرىدىغان قايغۇ ۋە ھەسرەت
- English
- grief, sorrow
- 中文
- 忧愁、忧伤
- Türkçe
- gam, keder
- ئادەم چوڭ بولغانسېرى غەم كۆپىيىدىكەن. كىشى يۇرتىدا مۇساپىر بولۇش كۆپ ۋاقىتلاردا جاندىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن!
- ئاتاڭدىن كېيىن زامان ساڭا نېمىلەرنى قىلدى؟خۇشاللىق بەخش قىلدىمۇ ياكى غەم قايغۇمۇ؟
مەنىداش: قايغۇ
قارشى مەنىلىك: خۇشاللىق
بىرەر ئىش ياكى كىشى ئۈچۈن قىلىنغان كۆيۈنۈش ۋە ئەندىشە
- English
- worry, concern, care
- 中文
- 操心、牵挂
- Türkçe
- kaygı, dert
- -ئۇ ماڭا خەت يېزىپ، غەم يېمىگىن، دەپتۇ!
- ئانا ھەمىشە بالىلىرىنىڭ غېمىنى يەيدۇ.
مەنىداش: ئەندىشە