لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

شېرىك1

shérik

  1. بىرەر ئىش ياكى سودىغا بىللە قاتناشقان كىشى

    English
    partner, associate
    中文
    伙伴、合伙人
    Türkçe
    ortak
    • بىر سودىغا شېرىك بولۇپ قويۇلۇپ كەتتىم، شۇنىڭ خاپىلىقى بولمامدۇ ئۇكا.
    • ئۇ مېنىڭ سودا شېرىكىم.

    مۇناسىۋەتلىك: شېرىكچىلىك