سەپ1
sep
كىشىلەر ياكى نەرسىلەرنىڭ يانمۇيان ياكى ئارقىمۇ ئارقا تىزىلىپ تۇرغان قاتارى
- English
- row, rank, line
- 中文
- 队列、行列
- Türkçe
- saf, sıra
- ئوقۇتقۇچىلار سۆسۈن تىۋىتلىق تونلىرىنى كىيىپ، سەپ بولۇپ مۇنارنىڭ ئالدىغا كەلدى.
- ئوقۇغۇچىلار ھويلىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى.
مەنىداش: قاتار
مەلۇم بىر كەسىپ، ھەرىكەت ياكى تەشكىلاتقا قاتناشقۇچىلار توپى
- English
- ranks, front
- 中文
- 行列、战线
- Türkçe
- saf, cephe
- ئۇ ياش ۋاقتىدىلا مائارىپ سېپىگە قاتناشقان.