لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

قانۇن

qanun

  1. دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، ھەممە كىشى رىئايە قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھۆكۈم ۋە قائىدىلەر.

    English
    law
    中文
    法律、法
    Türkçe
    kanun, yasa
    • بارلىق ئىشلىرىڭدا توغرىلىق ئىستە، خەلققە ئادىل قانۇن يۈرگۈزگىن.
    • ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باراۋەر.

    مۇناسىۋەتلىك: قائىدە

  2. ئىلىم تەبىئەت ياكى جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەر ئارىسىدىكى ئۆزگەرمەس، مۇقىم باغلىنىش.

    English
    law
    中文
    定律、规律
    Türkçe
    yasa
    • ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى بايقالمىغان بولسا، بۈگۈنكى سۈنئىي ھەمراھ مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى.