لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

قال

qal

  1. بىر جايدىن كەتمەي، شۇ يەردە تۇرماق.

    English
    stay, remain
    中文
    留、待
    Türkçe
    kalmak
    • مەن بۈگۈن ئۆيدە قالىمەن.
  2. ئىشلىتىلىپ ياكى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ تۇرماق؛ كېيىنكىلەرگە مىراس بولماق.

    English
    be left (over), remain
    中文
    剩、留下
    Türkçe
    kalmak, artmak
    • قازاندا ئازراق تاماق قالدى.
    • ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مۇنداق بىر ئېغىز گەپ بار، چىراغنىڭ ئۆچۈشى ياغنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  3. گرامماتىكا (-ىپ، -ۇپ، -ۈپ قوشۇمچىلىق پېئىلدىن كېيىن ياردەمچى پېئىل بولۇپ كېلىپ) ھەرىكەتنىڭ ئويلىمىغان يەردىن يۈز بەرگەنلىكىنى ياكى بىر ھالەتكە ئۆتۈپ، شۇ ھالەتتە داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    • -ئوچاق قانداق بولدى؟ -سۇ كىرىپ كەتتى.-توختاپ قالدى.
    • -قارىغاندا، ئۇ ياكى بۇ يەردىن كېتىپ قالغان، يا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ.