لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

سۈزۈك

süzük

  1. ئىچىدىن ئۆتۈپ كۆرۈنىدىغان، لېيى ياكى ئارىلاشمىسى يوق.

    English
    clear, transparent
    中文
    透明的、清澈的
    Türkçe
    berrak, saydam
    • ئۇلارغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، سۈزۈك ئېرىتمە ھاسىل بولغۇچە چايقاڭ.
    • ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىنمۇ سۈزۈك ئەينەك بولامدۇ؟

    قارشى مەنىلىك: لېيىم

  2. بۇلۇتسىز، ئوچۇق (ئاسمان، ھاۋا).

    English
    clear, cloudless
    中文
    晴朗的
    Türkçe
    açık, bulutsuz
    • بۈگۈن ئاسمان سۈزۈك.
  3. ئەدەبىي (كۆچمە) ساپ، پاك، ئالدامچىلىقى يوق.

    English
    pure, innocent
    中文
    纯洁的
    Türkçe
    saf, temiz
    • ئالۋاستىغا، يالماۋۇزغا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى بۇلاق سۈيىدەك پاك ۋە سۈزۈك دەۋرىمنى ئەسلەيمەن.