لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

سىنىپ

sinip

  1. مەكتەپتە بىللە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار توپى

    English
    class, form, grade
    中文
    班、班级
    Türkçe
    sınıf
    • ئاسىيەنىڭ ئۇكىسى بىزنىڭ سىنىپتا ئوقۇيدۇ.
    • ئايالىمنىڭ بىر جىيەن قىزى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قوش تىل سىنىپىغا تاللاندى.
  2. دەرس ئۆتۈلىدىغان ئۆي

    English
    classroom
    中文
    教室
    Türkçe
    sınıf, derslik
    • ئوقۇشقا تىزىملانغان يۈز نەچچە بالىغا تېخى سىنىپ يوق.
    • سىنىپقا كىرگەندە ئۈن-تىنسىز بولۇڭ.
  3. سىياسەت جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئىگىلىك ھالىتى ئوخشاش كىشىلەر توپى

    English
    class, social class
    中文
    阶级
    Türkçe
    sınıf
    • ئىشچىلار سىنىپى