لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

سىر1

sir

  1. باشقىلارغا ئېيتىلمايدىغان، يوشۇرۇن تۇتۇلىدىغان ئىش ياكى گەپ.

    English
    secret
    中文
    秘密
    Türkçe
    sır
    • ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تېۋىپ، بىرى ياخشى يار.
    • بۇ سىرنى ھېچكىمگە ئېيتما.

    مۇناسىۋەتلىك: سىرلىق

  2. تېخى ئېچىلمىغان، چۈشىنىلمىگەن يوشۇرۇن ماھىيەت.

    English
    mystery, secret
    中文
    奥秘
    Türkçe
    sır, gizem
    • ئاتومنىڭ سىرىنى چۈشىنىدىغان ئالىم ئىنتايىن ئاز.