دەۋا
dewa
قانۇن ھەق-ھوقۇق، مال-مۈلۈك قاتارلىقلار توغرىسىدا سوتقا ياكى مەسئۇل ئورۇنغا قىلىنغان ئەرز.
- English
- lawsuit, legal claim
- 中文
- 诉讼、官司
- Türkçe
- dava
- ئۇلار كېيىن مىراس دەۋاسى قىلىپ قالسىچۇ؟
- ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى ئالار، دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى.
بىرەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ دەپ ياكى توغرا دەپ تەلەپ قىلىش.
- English
- claim
- 中文
- 主张、要求
- Türkçe
- iddia
- ئۇنىڭ بۇ دەۋاسىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.