شەكىل
shekil
نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، سىرتقى قىياپىتى.
- English
- shape, form
- 中文
- 形状、外形
- Türkçe
- şekil, biçim
- ئوينىغاندا ھەرخىل شەكىلدىكى پىل ھارۋىلىرى، كېمە، چاقپەلەكتەك ئۇششاق ئويۇنچۇقلارنى ياسايتتى.
مەنىداش: قىياپەت
بىر ئىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىش يولى، ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى؛ تۈر، فورما.
- English
- form, format, mode
- 中文
- 形式
- Türkçe
- biçim, şekil
- ئىمكانىيىتى بارلارنىڭ پىروگراممىنى ئائىلە بويىچە كۆرۈشىنى، سوئاللارنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى سورايمىز.
- ئاددىي ۋە مۇرەككەپ شەكىلدىكى بايان جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلىدۇ.
قارشى مەنىلىك: مەزمۇن
شەكىللىرى: شەكلى