لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

خالتا

xalta

  1. رەخت، تېرە ياكى قەغەزدىن تىكىلگەن، نەرسە سېلىپ يۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان قاپ.

    English
    bag, sack, pouch
    中文
    袋子、口袋
    Türkçe
    torba, kese, çanta
    • ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا، قۇم تولدۇرۇلغان لاتا خالتا باغلاپ قويۇلىدۇ.
    • ئەنە، دۈمبىسىگە كىر خالتا ئارتىۋالغان يەنە بىرى پەيدا بولدى.

    مەنىداش: قاپ، سومكا