جەننەت
jennet
دىن دىنىي ئېتىقادتا ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن بارىدىغان مەڭگۈلۈك بەخت ماكانى.
- English
- paradise, heaven
- 中文
- 天堂、乐园
- Türkçe
- cennet
- ئۇشبۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتىن بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.
قارشى مەنىلىك: دوزاخ
ئىنتايىن گۈزەل، راھەت ۋە بەختلىك جاي.
- English
- paradise
- 中文
- 乐园、天堂
- Türkçe
- cennet
- ئائىلە — جەننەت. ئائىلە — بىر كىچىك ۋەتەن.
- بۇ باغ ئەتىيازدا خۇددى جەننەتتەك بولۇپ كېتىدۇ.