تەشەببۇس
teshebbus
بىرەر ئىشنى قىلىش ھەققىدە ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ ۋە ئۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلىش
- English
- initiative, proposal
- 中文
- 倡议、主张
- Türkçe
- girişim, öneri
- ئاخىرى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ۋە ئابدۇراخمان قۇربېشى، ئارىپجان قۇربېشىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشقورغاندىن قايتتى.
- لېكىن ئالىمجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ فىلىم تارقىتىلمىدى.
مەنىداش: تەكلىپ
بىرەر پىكىر ياكى ئىشنى قوللاپ، باشقىلارنى شۇنىڭغا دەۋەت قىلىش
- English
- advocacy, promotion
- 中文
- 提倡、倡导
- Türkçe
- savunma, teşvik
- باشقىلارغا تەشەببۇس قىلغان ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز قىلىڭ.
- ئۇ تېجەشلىك تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك: تەشەببۇسكار