لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تەبرىكلە

tebrikle

  1. بىرەر خۇشاللىق ئىش، بايرام ياكى مۇۋەپپەقىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىراۋغا ياخشى تىلەك بىلدۈرمەك.

    English
    congratulate
    中文
    祝贺、庆贺
    Türkçe
    kutlamak, tebrik etmek
    • -ئۇ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىدى!
    • ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭىز. سىزنى تەبرىكلەيمەن.