تېگىشلىك
tégishlik
قىلىنىشى لازىم بولغان، قىلىشقا مەجبۇر؛ ھەرىكەت نامىنىڭ يۆنىلىش كېلىشىدىن كېيىن كېلىدۇ
- English
- due, that should be
- 中文
- 应该、应当
- Türkçe
- gereken, yapılması gereken
- ئاشلىق مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
- ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش بىز ياشلارنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى.
مۇناسىۋەتلىك، ئائىت
- English
- relevant, concerned
- 中文
- 有关的、相关的
- Türkçe
- ilgili
- بۇ مەسىلىنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلدۇق.