لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تۈگەت

tüget

  1. باشلىغان ئىشنى ئاخىرىغا يەتكۈزمەك، تامام قىلماق.

    English
    finish, complete
    中文
    结束、完成
    Türkçe
    bitirmek
    • ئۇ ئۆزى توغرىلىق گەپلىرىنى تۈگىتىپ مەندىن سوئال سوراشقا باشلىدى.
    • بېلىمگە ئاق باغلاپ نەزىر چىراغلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە خىزمەت ئورنۇمغا قايتىشىمغا توغرا كەلدى.

    مەنىداش: ئاخىرلاشتۇر

    قارشى مەنىلىك: باشلا

  2. بىرەر نەرسىنى ئىشلىتىپ ياكى يەپ قالدۇرماي يوق قىلماق؛ بىرەر ھالەتنى يوقاتماق.

    English
    use up, eliminate, put an end to
    中文
    用完、消除
    Türkçe
    tüketmek, bitirmek
    • ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا خوتۇنىنىڭ جاھىللىقىنى تۈگىتىش ئىدى.
    • ئۇ بىر ئايلىق مائاشىنى بىر ھەپتىدە تۈگەتتى.