تىلە
tile
باشقىلارغا ياخشىلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلماق.
- English
- wish
- 中文
- 祝愿、祝
- Türkçe
- dilemek
- ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئائىلىسىگە بەرىكەت ياغسۇن، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن.
- ئاللاھدىن دوكتور ئابدۇلئەزىزگە غەيرەت، ئۇتۇق ۋە خەيرلىك نەتىجىلەر يار قىلىشىنى تىلەيمىز!
مۇناسىۋەتلىك: تىلەك
بىرەر نەرسە بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىماق.
- English
- ask for, beg
- 中文
- 乞求、请求
- Türkçe
- dilemek, istemek
- ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىك سۆزلىرى بىلەن شەيتانلار، زىيانداشلار ۋە يامان كۆزلەرنىڭ ھەممىدىن پاناھلىق تىلەيمەن.
- ئۇ خۇدادىن كەچۈرۈم تىلىدى.