سان
san
ماتېماتىكا نەرسىلەرنىڭ قانچىلىكىنى بىلدۈرىدىغان ماتېماتىكىلىق چوڭلۇق؛ رەقەم.
- English
- number, numeral
- 中文
- 数、数字
- Türkçe
- sayı
- بەش بىلەن يەتتە ئىككىسى تاق سان.
- بۇ ساننى ئىككىگە بۆلۈڭ.
بىرەر توپتىكى ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ قانچىلىكى؛ مىقدار.
- English
- number, count, quantity
- 中文
- 数量、人数
- Türkçe
- sayı, miktar
- «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ.
ژۇرنال، گېزىت قاتارلىق قەرەللىك نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئايرىم چىققان ھەر بىرى.
- English
- issue, number
- 中文
- 期
- Türkçe
- sayı
- «بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ ئىككىنچى سانى نەشردىن چىقتى.