لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تولدۇر

toldur

  1. بىر نەرسىنىڭ ئىچىنى باشقا نەرسە بىلەن لىق قىلماق

    English
    fill
    中文
    装满、填满
    Türkçe
    doldurmak
    • قېلىن كىيىنىپ، يانچۇقلىرىنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تولدۇرۇپ ئاتقا مىندى-دە، كۈنچىقىشقا قاراپ يول ئالدى...
    • ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا، قۇم تولدۇرۇلغان لاتا خالتا باغلاپ قويۇلىدۇ.

    مۇناسىۋەتلىك: تول

  2. جەدۋەل، ئانكېتا قاتارلىقلارنىڭ بوش ئورۇنلىرىغا تەلەپ قىلىنغان مەزمۇنلارنى يازماق

    English
    fill in, fill out
    中文
    填写
    Türkçe
    doldurmak
    • ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇڭ.
  3. كەملىكنى تولۇقلىماق؛ بىرەر ھېسسىياتقا چۆمدۈرمەك

    English
    fill, make up for
    中文
    充满、弥补
    Türkçe
    doldurmak
    • شۇنداقلا، چەكسىز شادلىققا تولدۇرىدۇ.