توقۇ
toqu
يىپلارنى بىر-بىرىگە ئۆتكۈزۈپ رەخت، گىلەم قاتارلىقلارنى ياسىماق؛ يىپتىن مايكا، پەلەي قاتارلىقلارنى قولدا ئۆرۈمەك.
- English
- weave, knit
- 中文
- 织、编织
- Türkçe
- dokumak, örmek
- ئاپام ماڭا بىر جۈپ پەلەي توقۇپ بەردى.
- ئالدامچىلار رەخت توقۇش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن پۇل، يىپەك ۋە ئالتۇن تەلەپ قىلىپتۇ.
يالغان گەپ ياكى ھېكايىنى ئويدىن چىقىرىپ ياسىماق.
- English
- make up, fabricate
- 中文
- 编造、捏造
- Türkçe
- uydurmak
- ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر ھېكايە توقۇپ چىقتى.