سات
sat
مال، نەرسە قاتارلىقلارنى پۇلغا ئالماشتۇرۇپ باشقىلارغا بەرمەك.
- English
- sell
- 中文
- 卖、出售
- Türkçe
- satmak
- ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەخسۇس سېتىش شىركىتى نيۇ يورك شەھىرىدە تىجارەت باشلىدى.
- ئۇ كونا ماشىنىسىنى سېتىپ يېڭىسىنى ئالدى.
قارشى مەنىلىك: ئال
مەنپەئەت ئۈچۈن ۋەتىنى، دوستى، ۋىجدانى قاتارلىقلارغا خىيانەت قىلماق.
- English
- betray, sell out
- 中文
- 出卖
- Türkçe
- satmak, ihanet etmek
- ئۇ ئازغىنە پۇل ئۈچۈن دوستىنى ساتتى.
مەنىداش: خىيانەت قىل