بەلگىلە
belgile
بىرەر نەرسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەت
- English
- determine, decide
- 中文
- 决定
- Türkçe
- belirlemek
- ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى بالىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
- ئاتوم يادروسىنىڭ پىروتون سانى يادرو سىرتىدىكى ئېلېكتىرونلارنىڭ سانىنى بەلگىلەيدۇ.
قائىدە، ۋاقىت، ئورۇن قاتارلىقلارنى ئېنىق قىلىپ قوي
- English
- set, fix, stipulate
- 中文
- 规定、确定
- Türkçe
- belirlemek, kararlaştırmak
- يىغىن ۋاقتى ئەتە سائەت ئونغا بەلگىلەندى.
- قانۇندا بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلەنگەن.