بەلگىلىك
belgilik
مەلۇم دەرىجىدىكى، مۇئەييەن مىقداردىكى
- English
- certain, some
- 中文
- 一定的
- Türkçe
- belirli, belli
- بۇ ھادىسىلەر قىزىقارلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك ئىلمىي پىرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
- بەلگىلىك مىقداردىكى سۇيۇق دورىلارنى ئالغاندا، مېنزۇركا ئارقىلىق سۇيۇقلۇق ھەجمى ئۆلچىنىدۇ.
مەنىداش: مۇئەييەن
ئالدىن بەلگىلەنگەن، ئېنىق
- English
- specified, fixed
- 中文
- 规定的、特定的
- Türkçe
- belirlenmiş
- «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولغۇچىدىن بەلگىلىك شەرتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ.
- ھەممەيلەن بەلگىلىك ۋاقىتتا يىغىلدى.