بېغىشلا
béghishla
ئەسەر، ناخشا، سوۋغات قاتارلىقلارنى مەلۇم ئادەم ياكى ئىشقا ئاتىماق.
- English
- dedicate
- 中文
- 献给、题献
- Türkçe
- ithaf etmek
- ئاتىلارغا بېغىشلىغان بۇ شېئىرلىرىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز.
- «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى — ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال.
ۋاقتى، كۈچى ياكى ھاياتىنى مەلۇم ئىشقا سەرپ قىلماق.
- English
- devote
- 中文
- 献身、奉献
- Türkçe
- adamak
- ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت شۇ بۈيۈك خىزمەتكە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان ۋە ئۆمۈرلۈك ئەجرىنى سىڭدۈرگەن.
مەنىداش: ئاتا