لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

بىۋاسىتە1

biwasite

  1. ئارىدا ۋاسىتە، باشقا ئادەم ياكى باسقۇچ بولماي؛ تۇتاشلا.

    English
    directly, live
    中文
    直接
    Türkçe
    doğrudan
    • ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ.
    • ئۇ كىشىنىڭ ئىككى يۈز مىڭدەك ئەگەشكۈچىسى بار، بۈگۈنكى لېكسىيەنى بەلكىم بىۋاسىتە تارقىتىشىمۇ مۇمكىن.

    قارشى مەنىلىك: ۋاسىتىلىك