لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

بىمار1

bimar

  1. كېسەل بولۇپ داۋالىنىۋاتقان ئادەم

    English
    patient
    中文
    病人、患者
    Türkçe
    hasta
    • بىمار قانداقراق؟ ھازىر خېلى ياخشى، قان بېسىمىمۇ تۇراقلاشتى، ئۇخلاپ قالدى.
    • سىز سۈمۈرگۈچ بىلەن بىمارنىڭ گېلىدىكى بەلغەمنى تارتىۋېتىڭ.

    مەنىداش: كېسەل