بىرگە
birge
بىر يەردە، بىللە؛ ئايرىلماي تەڭ
- English
- together
- 中文
- 一起、共同
- Türkçe
- birlikte, beraber
- ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىرگە ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلدى.
- بىز بىرگە ئىشلەيمىز.
مەنىداش: بىللە
«بىلەن» دىن كېيىن كېلىپ، بىر ئىشقا يەنە بىر ئىشنىڭ قوشۇلىدىغانلىقىنى ياكى ھەمراھلىقنى بىلدۈرىدۇ
- English
- along with, as well as
- 中文
- 与……同时、连同
- Türkçe
- ile birlikte
- ئەلىشىر نەۋائىي شائىر بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇرىدۇر.
- ئۇممۇ سەلەمە — ئېرى بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولغان.