لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

بولۇپمۇ

bolupmu

  1. باشقىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ، ئالاھىدە ھالدا.

    English
    especially, particularly
    中文
    尤其、特别是
    Türkçe
    özellikle
    • ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئادەتتە سۇيۇقئاش، شورپا تۈرىدىكى تاماقلار بولىدۇ، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى شۇنداق.
    • بولۇپمۇ ئۇنىڭ لىرىكا ۋە رومان ئىجادىيىتىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئالاھىدە گەۋدىلىك.

    مەنىداش: ئالاھىدە